ئۇكرائىنا: ئىرانغا بېسىم ئىشلىتىۋاتىمىز

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋادىم پرىستايكو 8 – يانۋار كۈنى پايتەخت تېھران ھاۋا تەۋەلىكىدە چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئۇكرائىنا ئايروپىلانى مەسىلىسى توغرۇلۇق ئىرانغا بېسىپ ئىشلىتىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1357338
ئۇكرائىنا: ئىرانغا بېسىم ئىشلىتىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا ئۇچرىشىشلاردا بولۇۋاتقان پرىستايكو، ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋغا كېتىش ئۈچۈن تېھران خەلقئارالىق ئىمام ھۇمەينى ئايرودۇرۇمىدىن قوزغىلىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي قۇرۇقلۇقتىن ھاۋاغا ئېتىلغان ئىككى راكېتامىيوت بىلەن چۈشۈرۈلگەن ۋە 176 كىشى بار ئايروپىلان توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەيلى ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىلىرى مەسىلىسى بولسۇن، مەيلى باشقا مەسىلىلەر بولسۇن، تېھران بىلەن ھەمكارلىشىش باشتىن تارتىپلا قىيىنغا توختىدى، ئەمما بىز داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز، ئۇزاق مەزگىلدە قارا قۇتىلارنى قانداق ئېلىش ۋە قانداق تەكشۈرۈشكە قارىتا پىلانىمىز بار، بۇ ھەقتە 5 دۆلەت بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىمىز. قارا قۇتىلارنى بېرىش پىلانى يوقلۇقىنى 19 – يانۋار كۈنى ئېلان قىلغان ئىرانغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىمىز. بىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن كىشىنى بىلىشنى ۋە ئۇنىڭ ئادالەتكە تاپشۇرۇپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر