لىۋىيە تۈركىيەگە تەشەككۈر ئېيتتى

لىۋىيەنىڭ قانۇنلۇق ۋەكىلى بولغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ پىرېزىدېنتلىق كېڭەش ئەزاسى مۇھەممەد ئەلئاممارى زايىد تۈركىيەگە «پىرىنسىپچان پوزىتسىيەسى ۋە ياردىمى» ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتتى.

1356263
لىۋىيە تۈركىيەگە تەشەككۈر ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتى تۈركىيەگە تەشەككۈر ئېيتىپ يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، مۇھەممەد ئەلئاممارى زايىد تۈركىيەنىڭ تىرىپولىدىكى باش ئەلچىسى سەرھات ئاكسەن بىلەن تۈنۈگۈن (9-فېۋرال) لىۋىيە باش مىنىستىرلىق بىناسىدا كۆرۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، مۇھەممەد ئەلئاممارى زايىد بىلەن سەرھات ئاكسەننىڭ، «ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، لىۋىيەدىكى سىياسىي ۋە ھەربىي ۋەزىيەت، جەنۋەدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن  5+5  ئۇچرىشىشلىرى، لىۋىيە تېمىلىق ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇزاكىرەلەر» نى مۇزاكىرە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مۇھەممەد ئەلئاممارى زايىد لىۋىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ، «بۈگۈن تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ھەر خىل ھۇجۇملار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، پۈتكۈل لىۋىيە زېمىنىنى قايتۇرۇۋالالايدىغان ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى» ئېيتتى.

ئۇ: «ھافتەر ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى لىۋىيەنىڭ مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، بەلكى خەلقئارالىق يىغىنلارغا قاتنىشىش ئارقىلىق ۋاقىتتا ئۇتۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى» ئەسكەرتتى.

مۇھەممەد ئەلئاممارى زايىدنىڭ تۈركىيەنىڭ لىۋىيەنى قوللىغانلىقى ۋە ئەنقەرەنىڭ لىۋىيە مەسىلىسىدە، «پۇقرالارنىڭ پايتەخت ۋە دۆلەت ئىدارە-ئورگانلىرىنىڭ قوغدىلىشى» ئۈچۈن تۇتقان پىرىنسىپچان پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن باش ئەلچى سەرھات ئاكسەنغا تەشەككۈر ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.

باش ئەلچى سەرھات ئاكسەن، «لىۋىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقلىق تەلەپلىرىگە مۇۋاپىق بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە لىۋىيەدە خاتىرجەملىك، مۇقىملىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن، لىۋىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى» ئەسكەرتتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر