تۈركىيە ۋە رۇسىيە ھەيئەتلىرى ئىدلىب مەسلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ۋە رۇسىيە ھەيئەتلىرى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرلىشىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە بىر يەرگە جەم بولدى.

1355761
تۈركىيە ۋە رۇسىيە ھەيئەتلىرى ئىدلىب مەسلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى باش ئەلچى سەدات ئونالنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئارمىيە قوماندانلىق باش ئىشتابى ۋە دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىدارىسى ۋەكىللىرى بىلەن رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باش ئەلچى سېرگېي ۋېرشىن ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى باش ئەلچى ئالېكساندىر لاۋرېنتيېۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى رۇسىيە ھەربىي ئىستىخبارات ئىدارىسى ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت ئوتتۇرىسىدا، 2 بۆلۈملۈك 3 سائەتلىك مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلگەن.

مۇزاكىرىلەردە ئىدلىبنىڭ ۋەزىيىتى، مەيداندا بالدۇرراق تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە سىياسىي ھەل قىلىش باسقۇچىنى تېخىمۇ تېزلاشتۇرالايدىغان قەدەملەر ئانالىز قىلىنغان. 

بۇ ئۇچرىشىشلارنى ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردىمۇ داۋاملاشتۇرۇش قارارى ماقۇللانغان.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر