ئاقساراي: ئەلقائىدەنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى رەھبىرى ئۆلتۈرۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى رەھبىرى قاسىم ئەلرىمىنىڭ يەمەندە ئېلىپ بېرىلغان تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش ھەرىكىتىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1355361
ئاقساراي: ئەلقائىدەنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى رەھبىرى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «پىرېزىدېنت ترامنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، ئامېرىكا قىسىملىرى يەمەندە ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەھبىرى قاسىم ئەررىمىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى، ھەرىكەتتە ئەررىمى ئۆلتۈرۈلدى. ئۇ، 1990 – يىللاردا ئەلقائىدە تەشكىلاتىغا قاتناشقان ۋە ئافغانىستاندىكى ئەلقائىدە رەھبىرى ئۇسامە بىن لادىن بىلەن ھەمكارلاشقان. ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەلقائىدە تەشكىلاتى رىمىنىڭ رەھبەرلىكىدە  يەمەندە پۇقرالارغا ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارغان، شۇنداقلا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ۋە قىسىملىرىمىزغا كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلغان. رىمىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەلقائىدە تەشكىلاتى ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ دۇناي مىقياسىدىكى مەۋجۇدىيىتىنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرىدۇ. بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق بۇنداق تەشكىلاتلارنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىگە سېلىۋاتقان تەھدىتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتىمۇ مۇھىم بىر قەدەم تاشلانغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رىمىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن مەنپەئەتلىرىمىز ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەت ئاستىغا ئېلىنغان بولدى. بىزگە زىيان يەتكۈزمەكچى بولغان تېررورچىلارنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ، ئۇلارنى يوقىتىپ،  ئامېرىكا خەلقىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر