تەيۋەن خىتايلارنىڭ تەيۋەنگە كېلىشىنى چەكلىدى

تەيۋەنگە خىزمەت زىيارىتى بىلەن كېلىدىغانلارغا نىسبەتەنمۇ تەيۋەنگە كەلگەندىن كېيىنكى ئىككى ھەپتە بويىچە سەھىيە تەكشۈرۈشلىرىدىن ئۆتۈش شەرتى قويۇلدى.

1347600
تەيۋەن خىتايلارنىڭ تەيۋەنگە كېلىشىنى چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەننىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونتىرول قىلىش مەركىزى خىتايدا يېڭى تىپلىق كوروناۋىرۇسى بىلەن ياللۇغلىنىش نىسبىتىنىڭ كۈنسىرى ئېشىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن خىزمەت ۋە ئىنسانىي مۇھىم ئېھتىياج سەۋەبىدىن كېلىدىغانلاردىن باشقا بارلىق خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تەيۋەن ئارىلىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

خىزمەت بىلەن تەيۋەنگە كېلىدىغانلارغا نىسبەتەنمۇ تەيۋەنگە كەلگەندىن كېيىنكى ئىككى ھەپتە بويىچە سەھىيە تەكشۈرۈشلىرىدىن بىجانىدىل ئۆتۈش شەرتى ئاساسىدا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

تەيۋەندە ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەيۋەنگە كېلىشىنى ئىككى ھەپتە كېچىكتۈرىشى لازىملىقى، خۇبېي ئۆلكىسىدە تۇرۇشلۇقلارنىڭ بولسا، ئىككىنچى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغانغا قەدەر تەيۋەنگە كەلمەي تۇرۇشى لازىملىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ ئارىلىقتا ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن قايتىپ كېلىشنى خالايدىغان بارلىق پايونىيە پۇقرالىرىغا ياردەم قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شىنزو ئابىې ئېلان قىلغان باياناتىدا ۋۇخەندىكى ياپونىيە پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئايروپىلان ئەۋەتىشتەك ھەر خىل چارىللەرنى ئىشقا سالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشىچە ۋۇخەندە 710 نەپەر ياپونىيە پۇقراسى ياشايدىكەن.

ئامېرىكانىڭ چىكاگو ۋە ۋىشىنگىتون شەھەرلىدىن كېيىن بۇ قېتىم كالىفورنىيە ئىشتاتىدىمۇ ۋۇخەندىن كەلگەن بىر كىشىدە كوروناۋىرۇسى باشقالدى.

ئامېرىكانىڭ كېسەللەرنى كونتىرول قىلىش ۋە ئالدىنى مەركەزلىرى كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ ئورەنج ناھىيەسىدە خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن كەلگەن بىر يولۇچىدا يېڭى تىپلىق كوروناۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

ئورەنج ناھىيەلىك سەھىيە ئىدارىسى بېمارنىڭ كارانتېناغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بېمار بىلەن يېقىن ئالاقىدە بولغان كىشىلەرنىڭمۇ كۆزىتىش ئاستىغا ئېلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

 

 

 


خەتكۈچ: #خىتاي , #تەيۋەن

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر