ۋۇخەندە ئايرودۇرۇم ۋە پويىز ئىستانسىسىلىرى تاقىلىدۇ

ۋۇخەن شەھىرىدە يېڭى تىپلىق تارقىلىشچان ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئايرودۇرۇم ۋە پويز ئىستانسىسىلىرى تاقىلىدۇ، ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرى ۋاقىتلىق توختىتىلىدۇ.

1345724
ۋۇخەندە ئايرودۇرۇم ۋە پويىز ئىستانسىسىلىرى تاقىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن دائىرىلىرى ئايرودۇرۇم بىلەن پويىز ئىستانسىسىلىرىنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى، ئاپتوبۇس، مېترو، پاراخوت ۋە ئۇزۇن يوللۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ 23-يانۋار (2020) شۇ يەر ۋاقتى 10:00 دىن باشلاپ ۋاقىتلىق توختىتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مەسئۇل دائىرىلەر يەنە، تەخمىنەن 9 مىليون نوپۇسلۇق شەھەردىكى پۇقرالارغا شەھەردىن چىقماسلىق توغرىسىدا ئاگالاندۇردى.

ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 17 گە چىققان ۋۇخەن شەھىرىدە، پۇقرالاردىن كىشىلەر زىچ جايلاردىن ۋە ئاممىغا ئوچۇق بولغان يىغىلىشلاردىن يىراق تۇرۇش چاقىرىق قىلىندى.

ئوتتۇرىغا چىققان جايى سەۋەبلىك «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتالغان يېڭى تىپلىق تارقىلىشچان ۋىرۇس، نەپەس ئالغان، ھۆتەلگەن ۋە چۈشكۈرگەن ئەھۋالدا ھاۋا ئارقىلىق يۇقىدۇ. ۋىرۇس يۇققان كىشىدە دەسلەپتە، قىززىش، بوغۇزى ئاغرىش، ھۆتىلىش، نەپەس ئېلىشتا قىينىلىش، ئىچى سۈرۈشكە ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئېغىرلاشقاندا، ئۆپكىنىڭ ياللۇغلىنىشىنى، بۆرەكنىڭ زەئىپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاخىرىدا ئۆلۈمنى پەيدا قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر