نامايىشچىلار ماكرون تىياتىر كۆرۈۋاتقان زالغا كىرىشكە ئۇرۇندى

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا پىنسىيونېرلىق ئىسلاھاتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن توپلانغان نامايىشچىلار، پىرېزىدېنت ئېمانۇئېل ماكرون تىياتىر كۆرۈۋاتقان زالغا كىرىشگە ئۇرۇندى.

1342964
نامايىشچىلار ماكرون تىياتىر كۆرۈۋاتقان زالغا كىرىشكە ئۇرۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامايىشچىلار، بەزى ژۇرنالىستلارنىڭ، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكروننىڭ پايتەخت پارىژدىكى بىر تىياتىر زالىدا ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى ئىجتىمائىي تاراتقۇدا تارقىتىشىدىن كېيىن، ئونلارچە نامايىشچى تىياتىر زالىنىڭ ئالدىغا توپلاندى.

پىنسىيونېرلىق ئىسلاھاتىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلار، ماكرونغا قارشى شوئارلارنى توۋلاپ، تىياتىر زالىغا كىرىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ساقچىلارنىڭ توسۇقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتەلمىدى. ماكرون بولسا، تىياتىر زالىدىن خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا چىقىپ كېتەلىدى.

فىرانسىيەدە 5 – دېكابىردىن بۇيان ماكرون رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ پىنسىيونېرلىق ئىسلاھاتىغا قارشى ئىش تاشلاش پائالىيەتلىرى ۋە نامايىشلار ئۆتكۈزۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر