ئافغانىستان ھۆكۈمىتى تالىباندىن ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى

ئافغانىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى سىددىق سىددىقى ھۆكۈمەتنىڭ تالىباندىن ئۇرۇش توختىتىشنى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

1339642
ئافغانىستان ھۆكۈمىتى تالىباندىن ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى سىددىق سىددىقى تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تالىباندىن زوراۋانلىقنىڭ تولۇق مەنىسى بىلەن ئازىيىشى ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبان بىلەن تىنچلىق ئۇچرىشىشلىرىنى باشلىشى ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، زوراۋانلىقلارنى ئازايتىشنىڭ سىياسىي ۋە قانۇن نۇقتىسىدىن مەنىسىز ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئۈچۈن تىنچلىقنىڭ، ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى مەنىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ھەر تۈرلۈك زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇرۇش دەپ قارىلىدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان تىنچلىق تەكلىپىنىڭ مەنىگە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئەشرەف غېنى ھۆكۈمىتى ئۈچۈن چوڭ تەھدىت ھېسابلىنىدىغان تالىبان تېررورلۇق تەشكىلاتى، دۆلەتنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئۆتكەنكى يىللاردا تالىبان بىلەن تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى باشلاش ئۈچۈن بىر قانچە قېتىم ھەرىكەت قىلىپ، بۇ دائىرىدە تىنچلىق كېڭىشىنى قۇرغان بولسىمۇ، نەتىجە ھاسىل قىلىنمىدى.

سابىق پىرېزىدېنت ھامىد كارزايى مەزگىلىدە، ھۆكۈمەت بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشلارنىڭ 2013-يىلى ئىيۇن ئېيىدا قاتار پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان ئىدى. بىراق، تالىبان ئىشخانىسىغا «ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى» دېگەن ۋىۋىسكىنى ۋە بايرىقىنى ئېسىشى سەۋەبىدىن، ھۆكۈمەت ئۇچرىشىشتىن ۋاز كەچكەن ئىدى.

تالىبان ئىشخانىسى ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندە تاقالغان ۋە تىنچلىق مۇزاكىرەلىرى ۋاقىتلىق توختىتىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر