ئىران، تېھراننىڭ ئۇكرائىنا يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەنلىكى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىدى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئۇكرائىنا ئايروپىلانىنىڭ خاتا ھالدا چۈشۈرۈۋېتىلىشى توغرىسىدا توختىلىپ، «كەچۈرۈشكە بولمايدىغان بۇ خاتالىقنىڭ جاۋابكارلىرى ئۈستىدىن قانۇنىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك» دېدى.

1338824
ئىران، تېھراننىڭ ئۇكرائىنا يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەنلىكى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىدى
muhammed zarif.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇھانى، ئىنسانىي خاتالىق تۈپەيلى سەۋەنلىك بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىلىشىنىڭ ئونلاچە ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، بۇ خاتالىقتىن ئەپسۇسلانغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ، شۇنداقلا بىر بولۇڭغا ئىتتىرىپ قويۇلىدىغان مەسىلە ئەمەس. پاجىئەنىڭ سەۋەبى ۋە جاۋابكارلىرى ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشلەر داۋاملىشىشى، بۇ كەچۈرۈشكە بولمايدىغان خاتالىقنىڭ جاۋابكارلىرى ئۈستىدىن قانۇنىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى لازىم. بۇنىڭدىن باشقا بۇ خىل پاجىئەلەرنىڭ تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن دۆلەتنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىدىكى ئاجىز نۇقتىلار تېپىپ چىقىلىپ، ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن تېگىشلىك چارە – تەدبىرلەر يولغا قويۇلۇشى كېرەك» دېدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىفمۇ ئۇكرائىنا ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ «خاتالىق بىلەن» چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكى تۈپەيلى كەچۈرۈم سورىدى.

ئۇ تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئايروپىلاننىڭ چۈشۈرۈۋېتىلىشى مەسىلىسىدە ئامېرىكىنى ئەيىبلەپ، «ئامېرىكىنىڭ جېدەلخورلۇقىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان كىرىزىس پەيتىدە يۈز بەرگەن بۇ ئىنسانىي خاتا، پاجىئە ياراتتى. قاتتىق پۇشايمان قىلماقتىمىز. خەلقىمىزدىن، قۇربانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىدىن ۋە بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بارلىق مىللەتلەردىن كەچۈرۈم سورايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر