قاسىم سۇلايمانى دەپنە قىلىندى

ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسى قۇددۇس كۈچىنىڭ قوماندانى قاسىم سۇلايمانى كىرمان شەھىرىدە دەپنە قىلىندى.

1336725
قاسىم سۇلايمانى دەپنە قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىيەزىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن قىستاقچىلىق سەۋەبىدىن ئۇدا ئىككى قېتىم كېچىكتۈرۈلگەن قاسىم سۇلايمانىنى دەپنە قىلىش خىزمىتى تاماملانغان.

خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، ئىراقتىكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەين ئەلئەسەد ھاۋا ئارمىيەسى ھەربىي بازىسىغا قىلىنغان ھۇجۇم ئارقىلىق قاسىم سۇلايمانىنىڭ ئىنتىقامى ئېلىنغاندىن كېيىن، دەپنە ئىشلىرى تاماملانغان.

ھۇجۇملار ئۈچۈن، قاسىم سۇلايمانىنىڭ ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئۆلتۈرۈلگەن ۋاقىت بېكىتىلگەن بولۇپ، سۇلايمانى شۇ كۈنى كېچىسى سائەت 1 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئۆلتۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر