مالىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمى نۇرغۇن ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

مالىدا ھەربىي ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا 5 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1336237
مالىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمى نۇرغۇن ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۆكۈمەت باياناتچىسى يايا سانگارېنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر ھەربىي ئاپتوموبىل ئەترىتى مالىنىڭ ئوتتۇرىغا قىسمىغا جايلاشقان ئالاتونا رايونىدا  كېتىۋاتقاندا بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلغان. ۋەقەدىن كېيىن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى رايوندا زوراۋانلارنى ئاختۇرۇپ تۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، دۆلەتنىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرىدا 2012 – يىلدىن بۇيان بۆلگۈنچى كۈچلەر داۋاملىق تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارىدىكەن، ھەمدە تېررورچىلار بىلەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر