ئەرەب بىرلىكى لىۋىيە مەسىلىسى ئۈچۈن جىددىي يىغىن چاقىردى

ئەرەب بىرلىكى لىۋىيەنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن دائىمىي ۋەكىللەر سەۋىيەسىدە جىددىي يىغىن چاقىرىش قارارى ماقۇللىدى.

1332175
ئەرەب بىرلىكى لىۋىيە مەسىلىسى ئۈچۈن جىددىي يىغىن چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر رەسمىي ئاگېنتلىقى «MENA» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەرەب بىرلىكىدە يىغىن چاقىرىىش قارارى، مىسىرنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ماقۇللانغان. 

خەۋەردە، يىغىنغا ئىراق ۋەكىلىنىڭ رىياسەتچىلىك قىلىدىغانلىقى ۋە لىۋىيەنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مىسىر دۆلەت گېزىتلىرىدىن «ئاخبارۇل يوۋم» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىسىر ھۆكۈمىتى لىۋىيەنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتىنىڭ رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى خەۋپكە ئىتتىرىدىغان دەرىجىدە ئۆزگىرىش ئېھتىمالى بارلىقى سەۋەبىدىن ئورتاق پوزىتسىيە بەلگىلەش مەقسىتىدە ئەرەب بىرلىكىنى جىددى يىغىنغا چاقىرغان.

لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى ھەربىي ئىسيانچى رەھبەر گېنېرال خەلىفە ھافتەر پايتەخت تىرابلۇسنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋېلىش ئۈچۈن 4ئاپرىلدا ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتا لىۋىيە خەلق بىرلەشمە ھۆكۈمىتى قىسىملىرى «بۇرقان ئەل غاداب» ناملىق ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلىغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر