سومالىدا بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ ئىككى تۈركنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

سومالىنىڭ پايتەختى موگادىشۇدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا ئىككى تۈركنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 61 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1331002
سومالىدا بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ ئىككى تۈركنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

ت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا،  موگادىشوا تاموژنا ئېغىزى ئەتراپىدىكى ئادەم ناھايىتى كۆپ بىر كونتىرول نۇقتىسىدا، ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ئولتۇرغان ئاپتوبۇس ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ھۇجۇم نەتىجىسىدە 61 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 50 تىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان، يارىدارلار يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئەتراپتىكى ئىش ئورۇنلىرى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان،  ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.

تۈركىيەنىڭ موگادىشو بئچس مەھمەت يىلمازنىڭ ئېيتىشىچە، ھۇجۇمدا قازا قىلغانلار ئارىسىدا ئىكىك تۈركمۇ بار ئىكەن.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېدى: «موگاشىدۇدا يۈز بەرگەن خائىنلارچە تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىككى پۇقرايىمىزغا ۋە باشقا سومالىلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلەيمىز، قېرىنداش سومالى خەلقىنىڭ ھەمىشە يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىمىز. تېررورىزمغا قارشى  كۈرىشىمىز ئاداققىچە داۋاملىشىدۇ.»

سومالى ھۆكۈمىتى باياناتچىسى ئىسمائىل مۇختارنىڭ «‹ Associated Press › ئاگېنتلىقى» غا بەرگەن باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىش خەۋپى بار ئىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئەلقائىدە تەشكىلاتى  بىلەن چېتىشلىقى بار تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەباب سومالىدا دائىم دېگۈدەك ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر