گېرمانىيە: بالا كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىش نىيىتىمىز يوق
گېرمانىيە ھۆكۈمىتى مۇئاۋىن باياناتچىسى ئۇلرىكې دېممېر بىرلىننىڭ بالا كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىش نىيىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى.
1329453
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دېممېر ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «بالا كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى گېرمانىيە يەككە - يېگانە ھالدا ھەل قىلالمايدۇ، شۇڭا ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ مەسىلىگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىشى كېرەك، دەرۋەقە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ پۈتكۈل ياۋروپا ئەللىرىگە چاقىرىق قىلغان، <بالا كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىش> نىيىتىمىزمۇ يوق. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، 5 مىڭ 276 بالا كۆچمەندىن 3 مىڭى تېخىچە مۇساپىرلار لاگېرلىرىغا قوبۇل قىلىنمايۋاتىدۇ، بۇ تولىمۇ خەۋپلىك ئەھۋالدۇر.»