ياۋروپا پارلامېنتى ئىراننى ئەيىبلىدى

ياۋروپا پارلامېنتىنى ئىران دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ نامايىشچىلارغا تەڭپۇڭسىز كۈچ ئىشلىتىشىنى ئەيىبلىدى.

1326937
ياۋروپا پارلامېنتى ئىراننى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدە چاقىرىلغان ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا ماقۇللانغان قاراردا، ئىراننىڭ نامايىشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ نامايىشلار جەريانىدا نامايىشچىلارغا تەڭپۇڭسىز كۈچ ئىشلىتىش قىلمىشى توغرۇلۇق تەكشۈرۈش باشتىلىشى ۋە جاۋابكارلارنىڭ جازابلاندۇرۇلۇشى تەلەپ قىلىندى.

قاراردا، دۆلەتتە ئىنتېرنېت مۇلازىمىتىنىڭ توختىتىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئېمبارگولىرىنىڭ تەسىرىدىمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىن ئۆتكەلنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىران خەلقى، 15  - نويابىر كۈنى بېنزىن باھاسىنىڭ 3 ھەسسە ئۆستۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن كېيىن، كۆپلىگەن شەھەرلەرندە نامايىش ئۆتكۈزگەنىدى.

نامايىشلاردا دۆلەت بىنالىرى، بانكىلار، ماي قاچىلاش پونىتلىرى ۋە سودا سارايلار ۋەيران قىلىنغانىدى. نامايىشلار جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەن ۋە يارىلانغانلار ھەققىدە ئىران دائىرىلىرى رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىغان، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى نامايىشلار جەريانىدا كەم دېگەندە 304 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئىران ئالىي مىللىي بىخەتەرلىك كېڭىشى تەرىپىدىن چىقىرىلغان قارارغا ئاساسەن، دۆلەت مىقياسىدا بېنزىن باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە قارشى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشلارنىڭ دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 16 – نويابىر كۈنى ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى توختىتىلغانىدى.

25 – نويابىر كۈنى دۆلەتنىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدا تۇراقلىق ئىنتېرىنېت مۇلازىمىتى قايتىدىن يولغا قويۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر