فىنلاندىيە دائېشچىلارنىڭ ئايال-بالىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش توغرىسىدا قارار چىقاردى

فىنلاندىيەدە سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا چېتىلغان پۇقرالارنىڭ ئايال-بالىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە مۇناسىۋەتلىك قارار پارلامېنتتا قوللاشقا ئېرىشتى.

1325719
فىنلاندىيە دائېشچىلارنىڭ ئايال-بالىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش توغرىسىدا قارار چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىنلاندىيە پارلامېنتىدا، سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا چېتىلغان فىنلاندىيە پۇقرالىرىنىڭ ئايال-بالىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش مەسىلىسى ئاۋازغا قويۇلدى.

بېلەت تاشلاشتا، ھۆكۈمەت 79 غا قارشى 110 ئاۋاز بىلەن ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشتى. نەتىجىدە، ھۆكۈمەتكە مۇزاكىرەگە قويماستىن پىرېزىدېنتنىڭ رۇخسىتى دائىرىسىدە دائېشچى فىلاندىيە پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئۇرۇنۇش بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېككا ھاۋۋىستونى ئەيىبلىگەن ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى سوئال سورىغان ئۆكتىچى پارتىيە، يېتەرلىك بېلەتكە ئېرىشەلمىدى.

بېلەت تاشلاشتىن كېيىن جەزملەشكەن قارارغا ئاساسلانغاندا، سۈرىيە ئەل خول لاگېرىدىكى فىنلاندىيە پۇقراسى بولغان كىچىك بالىلار ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتۇرۇپ كېلىنىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئانىلىرىنىڭ ئەھۋالى ئايرىم تەكشۈرۈلۈپ قارار چىقىرىلىدىكەن.

قەيت قىلىنىشىچە، فىنلاندىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى قانات ھۆكۈمەتتىن سوئال سورىغان.

ئۆكتىچى ئاشقۇن ئوڭچى ھەقىقىي فىنلار پارتىيەسى بىلەن مىللىي بىرلەشمە پارتىيەسى دائېشقا چېتىلغان فىنلاندىيە پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشنىڭ، ئېغىر خەۋپسىزلىك تەھدىتى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر