بورىس جونسوننىڭ سايلىمى شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىق تەلىپىنى كۈچەيتىۋەتتى

شوتلاندىيە باش مىنىستىرى ۋە شوتلاندىيە دۆلەت پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى نىكولا ستۇرجېن (Nicola Sturgeon) سايلامدا غەلىبە قىلغان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسوننى، شوتلاندىيەنى بىرلەشمە پادىشاھلىق ئىچىدە مەجبۇرىيى تۇتۇپ تۇرمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

1323983
بورىس جونسوننىڭ سايلىمى شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىق تەلىپىنى كۈچەيتىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شوتلاندىيە دۆلەت پارتىيەسى- س ن پ SNP) )  2019-يىلى 12-دېكابىردا مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا شوتلاندىيەگە پارلامېنتتا ۋەكىللىك قىلىدىغان پارلامنېتتىكى ئورۇننىڭ 59 دىن 48 نى قولغا كىرگۈزدى. بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى خالىمايدىغان ستۇرجېننىڭ ئىككىنچى قېتىم مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىدە، ئۇنىڭ بىلىكىنى كۈچلەندۈردى.

سايلامدا تېخىمۇ كۈچلەنگەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون بولسا، شوتلاندىيەنىڭ ئىككىنچى قېتىم مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى بىر قانچە قېتىم ئېلان قىلدى.

ستۇرجېن پارلامېنتتا 59 ئورۇندىن 48ىنى قولغا كىرگۈزگەنلىكىنىڭ ئۆزلىرىگە مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتنى يۈكلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ستۇرجېن ب ب س نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «بىرلەشمە پادىشاھلىق داۋام قىلىدىغان بولسا، بۇ ئۆز ئارا رازىلىق بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. شوتلاندىيەنى ئۆزى خالىمىغان ئەھۋالدا مەجبۇرىي پادىشاھلىق تەركىبىدە تۇتۇپ تۇرالمايسىلەر» دېدى.

شوتلاندىيە خەلقىنىڭ كۆپىنچىسى 2014-يىلى مۇستەقىل دۆلەت بولۇشنىڭ ئورنىغا بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ بىر پارچىسى بولۇشنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن ئىدى.  بىراق، 2016-يىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش رېفېراندۇمىدا، ئەنگلىيە بىلەن گاللېرنىڭ ئەكسىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قېلىشنى قوللىدى. ستۇرجېن شۇن كۈندىن باشلاپ شوتلاندىيەنىڭ قايتىدىن مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكىنى، چۈنكى ھازىر شوتلاندىيە خالىمىغان ئەھۋالدا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

ئۇ شوتلاندىيە خەلقىنىڭ بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ باشقا پارچىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئوخشىمايدىغان كېلەچەك تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە شوتلاندىيەلىكلەرنىڭ ئۆز كېلچەچىكىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر