ئافغانىستاننىڭ غەزنە ۋىلايىتىدە بومبا پارتلىدى

ئافغانىستاننىڭ غەزنە ۋىلايىتىدە يولغا كۆمۈلگەن بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 10 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.

1322949
ئافغانىستاننىڭ غەزنە ۋىلايىتىدە بومبا پارتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان پىرېزىدېنتلىق سارىيى باياناتچىسى سىددىق سىددىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، غەزنەنى چاغاتۇ ناھىيەسىگە تۇتاشتۇرىدىغان يولغا كۆمۈلگەن بومبىنىڭ، كىشىلەر ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ئۆتۈۋاتقاندا پارتلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بومبىنىڭ تالىبان تەرىپىدىن كۆمۈلگەنلىكىنى، ۋەقەدە 10 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، ئالتە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر