دونالد ترامپ يەھۇدىيلارغا: «سىلەر ھەرگىزمۇ ياخشى ئادەملەر ئەمەسكەنسىلەر» دېدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ فىلورىدا ئىشتاتىدا يەھۇدىي سايلىغۇچىلارغا سۆزلىگەن نۇقتىدا، «سىلەر ھەرگىزمۇ ياخشى ئادەملەر ئەمەسكەنسىلەر، بىراق ماڭا ئاۋاز بېرىشكە مەجبۇرسىلەر. ئەگەر ئۇلار سايلىنىپ قالسا، 15 مېنۇتتىلا ئىشسىز قالىسىلەر» دېدى.

1320823
دونالد ترامپ يەھۇدىيلارغا: «سىلەر ھەرگىزمۇ ياخشى ئادەملەر ئەمەسكەنسىلەر» دېدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت دونالد ترامپ 2020يىلىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۈچۈن يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزۈشنى باشلىغان بولۇپ، بۇ دائىرىدە سايلامنىڭ ئەڭ ھالقىلىق ئورۇنلىرىدىن بىرسى بولغان فىلورىدا ئىشتاتىغا يېتىپ باردى.

دونالد ترامپ فىلورىدا ئىشتاتىدا ئىسرائىلىيە ئامېرىكا كېڭىشى رەھبەرلەر يىغىنىدا يەھۇدىيلارغا نۇتۇق سۆزلىدى ۋە ئىسرائىلىيەنى «ئەڭ يېقىن دوستۇم» دەپ تەرىپلىدى.

دونالد ترامپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «سىلەر ئوبدان بىلىسىلەر، سىلەر رەھىمسىز قاتىللارسىلەر. ھەرگىزمۇ ياخشى ئادەملەر ئەمەسكەنسىلەر. بىراق ماڭا ئاۋاز بېرىشكە مەجبۇرسىلەر. باشقا تاللىشىڭلار يوق. پوكاھونتاس (ئېلىزابىت ۋاررېن) گە ئاۋاز بەرمەڭلار. سىلەرگە شۇنى دېيەلەيمەنكى، خۇسۇسىي بايلىق بېجىنى قوللاپ ئاۋاز بېرىدىغان كىشىلەر ئەمەس سىلەر.  مېنى ياختۇرمىساڭلارمۇ، (بەزىلىرىڭلار قەتئىي ياختۇرمايسىلەر) بەزىلىرىڭلارنى ئەسلىدە مەنمۇ ھېچ ياختۇرمايمەن. شۇنداقتىمۇ مېنىڭ ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىلىرىم بولىسىلەر. چۈنكى ئەگەر ئۇلار سايلىنىپ قالسا، 15 مېنۇتتىلا ئىشسىز قالىسىلەر، شۇڭا بۇ ئىشقا كۆپ ۋاقىتىمنى سەرپ قىلىشقا مەجبۇر ئەمەسمەن» دېدى. 

دونالد ترامپنىڭ سۆزلىرى يىغىن زالىنى كۈلكىگە تولدۇردى.

دونالد ترامپ يەھۇدىيلارنىڭ ئومۇمەن دېموكراتچىلار پارتىيەسىگە ئاۋاز بېرىشىنى تەنقىد قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر