تۈركىيە ئونلارچە چەت ئەللىك تېررورچىنى دۆلەتلىرىگە يولغا سېلىۋەتتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، فىرانسىيە پۇقراسى 11 نەپەر چەت ئەللىك تېررورچىنىڭ دۆلىتىگە يولغا سېلىۋېتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1320013
تۈركىيە ئونلارچە چەت ئەللىك تېررورچىنى دۆلەتلىرىگە يولغا سېلىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، چەت ئەللىك تېررورچىلارنى دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، بۇ دائىرىدە فىرانسىيەلىك 11 تېررورچىنىڭ دۆلىتىگە يولغا سېلىۋېتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، 1 – نويابىردىن بۇيان 71 نەپەر چەت ئەللىك تېررورچىنى دۆلەتلىرىگە يولغا سالدى.

1 – نويابىردىن 9 – دېكابىرغىچە بولغان جەرياندا 18 گېرمان، 11 فىرانسۇز، 2 بېلگىيەلىك، 2 گوللاندىيەلىك، بىر دانىيەلىك، بىر ئاۋسترالىيەلىك، بىر ئەنگلىيەلىك، بىر ئامېرىكىلىق، بىر ئىرېلاندىيەلىك ۋە باشقا چەت ئەللىك تېررورچىلار بولۇپ جەمئىي 71 تېررورچى تۈركىيەدىن يولغا سېلىۋېتىلدى.

سۈرىيەدە قولغا چۈشكەن چەت ئەللىك تېررورچىلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكلىرىنى ئېنىقلاش خىزمەتلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى، تەپسىلىي سۆھبەتلەرنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا كىرگەنلىكى، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ پەرقلىق كۈنلەردە بەرگەن باياناتلىرىدا، «قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنى قايتۇرۇۋېتىمىز. بىز ھېچكىمنىڭ دائېش مېھمانخانىسى ئەمەس» دېيىش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ چەت ئەللىك تېررورچىلارنى دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر