رۇھانى ئامېرىكا بىلەن مۇزاكىرەلەرگە يېشىل چىراغ ياقتى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئەگەر مۇزاكىرەلەر ئامېرىكانىڭ پىلانلىرىنى ۋە سۈيىقەستلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرمىسە، مۇزاكىرەلەرنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1320250
رۇھانى ئامېرىكا بىلەن مۇزاكىرەلەرگە يېشىل چىراغ ياقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى تېھراندىكى پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىدا سۆز قىلغاندا، ئامېرىكا بىلەن قايتىدىن سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرۇش مەسىلىسىدە يېشىل چىراغ ياقتى.

ئۇ ئامېرىكا بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىنىڭ ئىرانغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، كېلىشىمدىن بۇرۇن كۈنلۈكى 1 مىليون ۋارىل بولغان نېفىت ئېكسپورتىنى، مەزكۇر كېلىشىم سايسىدا 2 مىليون 800 مىڭ ۋارىلغا چىقارغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئامېرىكا بىلەن قايتىدىن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ھەققىدە توختالغاندا: «دۈشمەن بېسىم قىلىۋاتىدۇ، ئىران قارشىلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئەگەر مۇزاكىرە دۈشمەننىڭ پىلانلىرىنى ۋە سۈيىقەستلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتسىز قىلسا، تېگىشلىك، زۆرۈر ۋە ئىنقىلابىي قەدەم بولىدۇ» دېدى.

ئىراندا نامايىشلارنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان بېنزىن باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ئۈستىدە توختىلىپ، ئېھتىياجلىق بولۇشىغا قارىماي، ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭدىن قىلىنغان بارلىق كىرىمنى خەلققە تارقىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر