ئامېرىكا: ئىران ئاخىرقى نامايىشلاردا مىڭدىن ئارتۇق نامايىشچىنى ئۆلتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىران ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى برىئان ھوك ئاخىرقى نامايىشلار جەريانىدا ئىران دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ مىڭدىن ئارتۇق نامايىشچىنى ئۆلتۈرگەن بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقى ئېيتتى.

1318943
ئامېرىكا: ئىران ئاخىرقى نامايىشلاردا مىڭدىن ئارتۇق نامايىشچىنى ئۆلتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھوك، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئىراندىكى يېقىنقى ۋەقەلەرنىڭ جاۋابكارىنىڭ تېھران ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكىنى،  ئاخىرقى نامايىشلار جەريانىدا ئىران دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ مىڭدىن ئارتۇق نامايىشچىنى ئۆلتۈرگەن بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ نامايىشلار ئىران ھۆكۈمىتى يېقىنقى 40 يىلدىن بۇيان دۇچ كەلگەن ئەڭ ئېغىر سىياسىي كىرىزىستۇر. ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى بىر رايوندا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغانلىقى ۋە مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر ۋىدېئو ئامېرىكا دائىرىلىرى تەرىپىدىن كۆرۈلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر