ياۋروپا ئىتتىپاقى بارلىق دۆلەتلەرنى ئىستانبۇل كېلىشىمىنى ماقۇللاشقا چاقىردى

ياۋروپا پارلامېنتى، بارلىق دۆلەتلەرنى «ئاياللارغا قاتتىق قوللۇق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»نى مەزمۇن قىلغان ئىستانبۇل كېلىشىمىنى ماقۇللاشقا چاقىردى.

1314456
ياۋروپا ئىتتىپاقى بارلىق دۆلەتلەرنى ئىستانبۇل كېلىشىمىنى ماقۇللاشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ فىرانسىيەنىڭ ستراسبورگ شەھىرىدە چاقىرىلغان ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا، ئىستانبۇل كېلىشىمىنىڭ ماقۇللىنىشى توغرىسىدا چاقىرىق ئېلان قىلىش قارارى 91 ئاۋازغا قارشى 500 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى.

قاراردا، بۇلغارىيە، چېخىيە، ۋېنگىرىيە، لىتۋانىيە، لېتونىيە، سىلوۋاكىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ كېلىشىمگە ئىمزا قويغان بولسىمۇ تېخى ماقۇللىمىغانلىقى ئەسكەرتىلدى ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ كېلىشىم توغرىسىدا خاتا ئۇچۇر تارقىتىش سەپەرۋەرلىكى ئەيىبلەندى.

بۇ دۆلەتلەرنى ئىستانبۇل كېلىشىمىنى دەرھال ماقۇللاشقا چاقىرغان قاراردا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىغىمۇ ئاياللارغا مۇشتۇمزورلۇق قىلىشقا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئالدىنقى پىلاندىكى ئىشلارغا قاتارىغا كىرگۈزۈش تەۋسىيە قىلىندى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستانبۇل كېلىشىمىنى 2017 – يىلى ئىمزالىغانىدى.

ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار، ياۋروپا ئىتتىپاقى مىقياسىدا ھەر 3 ئايالنىڭ بىرىنىڭ جىسمانىي ياكى جىنسىي زورلۇققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.بارلىق 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر