ئىسپانىيەدە مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغۇچىلار سېپىگە باسك رايونىمۇ قوشۇلدى

ئىسپانىيەنىڭ شىمالىدىكى باسك رايونىنىڭ ئاپتونوم پارلامېنتى كاتالونىيەدىكى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغۇچىلاردىن ئىلھام ئېلىپ، مۇستەقىللىقنى قوللايدىغان بىر قارارنامە ماقۇللىدى.

1314873
ئىسپانىيەدە مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغۇچىلار سېپىگە باسك رايونىمۇ قوشۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رايونلۇق ھاكىمىيەت بېشىدىكى باسك مىللىيەتچى پارتىيەسى ۋە ئىككىنچى چوڭ پارتىيە ھېسابلىنىدىن «EH Bildu» بىرلەشمە پارتىيەسىنىڭ باسك ئاپتونوم پارلامېنتىدا ئورتاق بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق ماقۇللانغان قارارنامىغا بىنائەن «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» ھوقۇقى بېرىلىدىغان بولدى.

مەزكۇر قارارنامىنىڭ تېكىستىدە، باسك ۋە ئىسپانىيە دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن، باراۋەرلىكنى، ئىككى تەرەپلىكنى ۋە كېلىشىمنى ئاساس قىلىدىغانلىقى جاكارلاندى.

كاتالونىيەدە مۇستەقىللىق سايلىمى تىرىشچانلىقى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى» دېگەن سۆز، قارارنامە تېكىستىدە ئالاھىدە ئورۇن ئالدى ھەمدە «بۇنىڭ قەتئىي ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان ھوقۇق ئىكەنلىكى» تەكىتلەندى.

قارارنامە تېكىستىدە يەنە، تېررورلۇق تەشكىلاتى «ETA» نىڭ قاماقتىكى ئەزالىرىنىڭ باسك رايونىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەپ كېلىنىشى كېرەكلىكى ۋە ئۇلاردىن ئېغىر كېسەل بولغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى لازىملىقىمۇ تەلەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر