بېنىن ياۋروپا ئىتتىپاقى باش ئەلچىسىنى «خالانمىغان ئادەم» ئېلان قىلدى

ئافرىقا قىتئەسىگە جايلاشقان بېنىن ھۆكۈمىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كوتونۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئولىۋېر نېتتېنى ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش بىلەن ئەيىبلەپ «خالانمىغان ئادەم» دەپ ئېلان قىلدى.

1314044
بېنىن ياۋروپا ئىتتىپاقى باش ئەلچىسىنى «خالانمىغان ئادەم» ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېنىن ھۆكۈمىتى، نېتتېنى ئىچكى ئىشلارغا ھەددىدىن زىيادە ئارىلىشىش ۋە خىزمەت دائىرىسىنىڭ سىرتىدىكى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن ئەيىبلەپ، 1 – دېكابىرغىچە چېگرا تەۋەلىكىدىن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن مۆھلەت بەردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇدا بىر قانچە قېتىم ئاگاھلاندۇرغان بولۇشىغا قارىماي، نېتتېنىڭ دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى ۋە بىريۇسسېل دائىرىلىرىنى ئارقىسىغا ئالغان ھالدا ھەرىكەت قىلغانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرىنىڭ، مەزكۇر قاراردىن ۋاز كېچىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقە ئورناتقانلىقى، بىراق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قاراردىن ۋاز كېچىشنى رەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

غەربىي ئافرىقا ئىقتىسادىي ۋە پۇل – مۇئامىلە بىرلىكى ئەزالىرىنىڭ بىرى بولغان بېنىن پىرېزىدېنتى پاترىك تالون ئىككى ھەپتە ئىلگىرى بايانات بېرىپ، مۇستەملىكە پۇل بىرلىكى بولغان CFA فىرانگىدىن يېڭى پۇل بىرلىكى «ECO» غا ئۆتۈلىدىغانلىقىنى، غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ فىرانسىيە مەركىزىي بانكىسىدىكى مەبلەغلىرىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتۇرۇپ ئالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر