ھەربىي فورما كىيىۋالغان قوراللىق كىشىلەر 13 كىشىنى تۇتۇپ كەتتى

تۈنۈگۈن (25-نويابىر) ئاخشام چوڭ يولدا، بىر مىنىبۇسنى توختىتىپ، ئىچىدىكى 18 كىشىدىن 13 كىشىنىڭ تۇتۇپ كەتكەن ھەربىي فورمىلىق قوراللىق كىشىلەرنىڭ كىملىكى تېخىچە ئېنىقلانمىدى.

1312947
ھەربىي فورما كىيىۋالغان قوراللىق كىشىلەر 13 كىشىنى تۇتۇپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن نىگېرىيەدە ھەربىي فورما كىيىۋالغان قوراللىق كىشىلەر بىر ئاپتوموبىلنى توسۇپ، ئىچىدىكى 13 كىشىنى تۇتۇپ كەتتى.

يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەرلىرگە ئاساسلانغاندا، ھەربىي فورما كىيىۋالغان ۋە كىملىكى تېخىچە ئېنىقلانمىغان قوراللىق گۇرۇھ نىگېرىيەنىڭ پايتەختى ئابۇجا بىلەن جەنۇبىدىكى لوكوجانى تۇتاشتۇرىدىغان چوڭ يولدا، تۈنۈگۈن ئاخشام بىر مىنىبۇسنى توختىتىپ، ئىچىدىكى 18 كىشىدىن 13 كىشىنىڭ تۇتۇپ كەتكەن.

تۇتۇپ كېتىلگەن كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نگېرىيە بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ جىددىي خىزمەت باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

نىگېرىيەدە قوراللىق گۇرۇھلارنىڭ يەرلىك ۋە چەت ئەللىك كىشىلەرنى تۇتۇپ كېتىپ، قويۇپ بېرىش بەدىلىگە پۇل تەلەپ قىلىشى ئومۇملاشقان بولۇپ، خەلق بۇ جەھەتتە ھۆكۈمەتنى ئەيىبلەپ، ھېچقانداق قارشى تەدبىر يولغا قويالمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر