گوللاندىيەدە تۆت تۈرككە پادىشاھلىق ئوردېنى بېرىلدى

گوللاندىيەدە تۆت تۈرككە 40 كۋادرات مېتىرلىق جامەنى كۈللىييە*گە ئايلاندۇرۇش ۋە ئۇ يەردە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەر ئارقىلىق شەھەردىكى ئۆزئارا ماسلىشىشقا ھەسسە قوشقانلىقى ئۈچۈن پادىشاھلىق ئوردېنى بېرىلدى.

1311458
گوللاندىيەدە تۆت تۈرككە پادىشاھلىق ئوردېنى بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىئېدام شەھىرىدىكى مىللىي گۈرۈش تەشكىلاتلىرىغا قاراشلىق يىلدىز ئىسلام مەركىزى جامەسىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا 81 ياشلىق مەھمەت قىلجى، 77 ياشلىق مۇستافا گۈنگۆر ۋە 63 ياشلىق ئىرفان ئۇلۇسوي پادىشاھلىق ئوردېنىنى شىئېدام شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى لامېرستىن تاپشۇرۇپ ئالدى.

پادىشاھلىق ئوردېنىغا لايىق كۆرۈلگەنلەردىن ئۆتكەن ئاي ۋاپات بولۇپ كەتكەن 91 ياشلىق دۇرسۇن ئالى باشئالاننىڭ ئوردېنى ئوغلى مۈكەررەمىن باشئالانغا بېرىلدى.

شىئېدامدا 1980 – يىللاردىن بۇيان خالىسانە ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى بىلەن خەلقكە باشلامچىلىق قىلغان قىلجى، گۈنگۆر، ئۇلۇسوي ۋە باشئالان قاتارلىقلار، يىلدىز ئىسلام مەركىزى جامەسىنىڭ سېلىنىش جەريانىغا باشتىن ئاخىر ھەسسە قوشۇپ، ئۇ يەردە قىلىنغان پائالىيەتلەر ئارقىلىق شەھەردىكى ئۆزئارا ماسلىشىش خىزمەتلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن پادىشاھلىق ئوردېنىغا لايىق كۆرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر