جەنۇبىي سۇداندا سۇ ئاپىتى جانغا زامىن بولدى

جەنۇبىي سۇداندا  قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ئاپىتىدە 70 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1311164
جەنۇبىي سۇداندا سۇ ئاپىتى جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بوما ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى جون ئابولانىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۇ ئاپىتى سەۋەبىدىن ئۆكتەبىر ئېيىدىن بۇيان  كۆپىنچىسى بالىلار ۋە ياشانغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 70 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، يېرىم مىليونغا يېقىن كىشى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مۇھتاج ئىكەن.

جەنۇبىي سۇدان پىرېزىدېنتى سالۋا كىئىر ماياردىت، ئالدىنقى ئايدا ئاپەت رايونلىرىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئۆكتەبىر ئېيىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قارا يامغۇر سەۋەبىدىن كۆپ قىسمىنى سۇ بېسىپ كەتكەن جەنۇبىي سۇداندا 800 مىڭ كىشى ئاچارچىلىققا  دۇچ كەلگەن ۋە تارقىلىشچان كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر