ئىسرائىلىيە قىسىملىرى لىۋاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

لىۋاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بالبەك شەھىرىدە بىر بىناغا ئىسرائىلىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، 3 پۇقرا يارىلاندى.

2135820
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى لىۋاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «NNA» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئۇچقۇلىرى ئىسرائىلىيە چېگراسىدىن تەخمىنەن 80 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بالبەك شەھىرىگە قاراشلىق سافرى يېزىسىدىكى بىر بىناغا ھۇجۇم قىلغان.

ھۇجۇمدا، بىنادىكى 3 پۇقرا يارىلانغان ۋە بىنا پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ سافرى يېزىسىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى توغرىلىغان ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى راميە، ئايتا ئەششاباب، مەرۋاخىن قاتارلىق شەھەرلەرنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يەنە، سۈرىيە زېمىنىدىن ئىسرائىلىيە تەرەپكە ئىككى پاي زەمبىرەك ئېتىلغانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ ئىشغال قىلىنغان گولان ئېگىزلىكىدىكى ئوچۇق رايونغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ زەمبىرەك ئېتىلغان نۇقتىلارغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر