ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن خوڭكوڭ لايىھەسى ترامپنىڭ ئۈستىلىدە

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مەجلىسى ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن، خوڭكوڭدىكى نامايىشلارنى قوللاش مەزمۇن قىلىنغان قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپغا يوللاندى.

1310862
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن خوڭكوڭ لايىھەسى ترامپنىڭ ئۈستىلىدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزاسى ماركو روبىئو تەرىپىدىن سۇنۇلغان ۋە دۆلەت مەجلىسى ۋە ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىنمۇ ماقۇللانغان «خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇنى» تېمىلىق قانۇن لايىھەسىنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بىلەن دېموكراتلار پارتىيەسى پالاتا ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك قوللاپ ئاۋاز بەردى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ترامپ تەرىپىدىن ئىمزالىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان قانۇن لايىھەسى، خوڭكوڭدىكى نامايىشلار جەريانىدىكى زوراۋانلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدىن جاۋابكار دەپ قارالغان خىتاي دائىرىلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى نىشان قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن خوڭكوڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سالاھىيىتىدە ئۆزگىرىش بولۇپ بولمىغانلىقى توغرۇلۇق ھەر يىلى كەم دېگەندە بىر قېتىم دوكلات سۇنۇش، خوڭكوڭ بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئالاھىدە سودا مۇناسىۋەتلىرى ئورنىتىش چاقىرىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇ قانۇن لايىھەسىگە نارازىلىق بىلدۈردى، ھەمدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپتىن بۇ قانۇن لايىھەسىنى ۋېتو قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ھەم خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى مەنپەئەتلىرىگە ھەم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە ئامېرىكىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلىشىش بىلەن ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ۋاقىت ئۆتۈپ كەتمەستىن بۇرۇن بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ قانۇنلىشىشىنىڭ ئالدىنى  ئېلىپ، خاتا ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا چاقىرىمىز. ئەگەر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خاتا ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى داۋملاتۇرسا، خىتاي كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر