ترامپ ئۆزىنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش تەكشۈرۈشلىرى دائىرىسىدە، ئىپادە بېرىشنى ئويلاشماقتا

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پالاتانىڭ ئۆزىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش تەكشۈرۈشلىرى دائىرىسىدە، ئىپادە بېرىشنى جىددىي ئويلىشۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1308883
ترامپ ئۆزىنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش تەكشۈرۈشلىرى دائىرىسىدە، ئىپادە بېرىشنى ئويلاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ ئاۋام پالاتاسىدا داۋاملىشىۋاتقان ئۆزىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش تەكشۈرۈشلىرى ھەققىدە تۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسىي پېلوسىنىڭ تۈنۈگۈن (18-نويابىر) قاتناشقان «Face the Nation» (خەلقنىڭ يۈزى) ناملىق پىروگراممىدا، ئۆزىنى تەكشۈرۈشتە ئىپادە بېرىشكە چاقىرغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

نەنسىي پېلوسىنىڭ «ئىپادىنى يازما شەكىلدە بەرسىمۇ بولىدۇ» دېگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن دونالد ترامپ، «گەرچە خاتا ئىش قىلمىغان بولساممۇ ۋە بۇنىڭ ئاخىرىسى يوق ساختىپەزلىك ھەرىكىتىنى ئېتىبارغا ئىگە قىلىشىنى خالىمىساممۇ، يەنىلا بۇ پىكىرنى ياخقتۇردۇم. پالاتانىڭ قايتىدىن ئۆز خىزمەتلىرىگە مەركەزلىشىشى ئۈچۈن بۇ پىكىرنى جىددىي ئويلىشىمەن» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىي بىلەن ئىيۇل ئېيىدا ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، زېلېنسىكىيغا رەقىبى جو بايدىن ۋە ئائىلىسىنى تەكشۈرگەن قىلغان تەقدىردە، ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. 

ئامېرىكا پالاتاسىدىكى دېموكراتچىلار بۇ خەۋەرنى ئاساس قىلىپ، دونالد ترامپنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ھەرىكىتىنى باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر