خوڭكوڭنىڭ ۋەزىيىتى بارغانچە كەسكىنلەشمەكتە

نامايىشچىلار تەرىپىدىن ئىگلىۋېلىنغان پولىتېكنىك ئىنىۋېرسىتېتىغا يېقىن كىروس ھاربۇر تونېلىدە ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

1307865
خوڭكوڭنىڭ ۋەزىيىتى بارغانچە كەسكىنلەشمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى نامايىشچىلار تەرىپىدىن ئىگلىۋېلىنغان پولىتېكنىك ئۇنىۋرسىتېتىدا، بىر ساقچىنىڭ نامايىشچىلار ئاتقان ئوقتا يارىدار بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خوڭكوڭ گەرچە شەنبە كۈنىنى تىنچ ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، بۈگۈن قايتىدىن كەڭ - كۆلەملىك نامايىشلارغا سەھنە بولدى. 

نامايىشچىلار ئىگىلىۋالغان پولىتېكنىك ئۇنىۋرسىتېتى ئالدىدىكى توساقلارنى ئېلىۋەتمەكچى بولغان ساقچىلارغا خىش پارچىلىرىنى ئېتىپ قارشىلىق كۆرسەتتى. ساقچىلار ئۇنىۋېسىتېتنىڭ بارلىق يوللىرىنى قاتناشتىن توختاتتى.

ئىنىۋېرسىتېت بىناسىغا يوللانغان يۈزلىگەن ساقچى نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە دورىلانغان ئېغىر بېسىملىق سۇ بىلەن مۇداخىلە قىلدى.

بەزى نامايىشچىلار ساقچىلارنىڭ ئاپتوموبىللىرىغا مولوتوف (بېنزىن قاچىلانغان شىشە) ئاتتى.

 ئىنىۋېرسىتېتقا يېقىن كىروس ھاربۇر تونېلىدە ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

تونېلىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى كۆۋرۈكتىن ئوت يالقۇنى يۇقىرى ئۆرلەشكە باشلىدى. تونېلغا كىرمەكچى بولغان ساقچى ئاپتوموبىللىرى يوللارغا تېزىۋەتكەن خىش پارچىلىرى سەۋەبىدىن ئىلگىرىلىيەلمىدى.

ئۇنىۋېرسىتېت دەرۋازى ئالدىدا ئامانلىقنى ساقلاۋاتقان بىر ساقچى مەسئۇلى، ئۇنىۋېرسىتېت بىناسىدا بىر ساقچىنىڭ نامايىشچىلار ئاتقان ئوقتا يارىدار بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن خوڭكوڭ مائارىپ باشقارمىسى بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبىدىن بىر ھەپتىدىن بېرى ئوقۇ - ئوقۇتۇشنى ۋاقىتلىق توختاتقان بولۇپ، دۈشەنبە كۈنىمۇ خوڭكوڭدىكى ھېچ بىر مەكتەپتە دەرس ئۆتۈلمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى


خەتكۈچ: #خىتاي , #خوڭكوڭ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر