ئافغانىستاندا 615 دائېش ئەزاسى تەسلىم بولدى

ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى نانگارخار ۋىلايىتىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 615 ئەزاسى تەسلىم بولدى.

1307624
ئافغانىستاندا 615 دائېش ئەزاسى تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نانگارخار ۋىلايىتىنىڭ ئاچىن ناھىيەسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئاختۇرۇش – تەكشۈرۈش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە بالىلار ۋە ئاياللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 615 دائېش ئەزاسى ئافغانىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، بۇلارنىڭ ئارىسىدا چەت ئەللىكلەرمۇ بار بولۇپ، ئاختۇرۇش - تەكشۈرۈش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر