ھېكو ماس دائېش ئەزاسى گېرمانىيە پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېكو ماس گېرمانىيە پۇقراسى دائىش ئەزالىرىنىڭ ئائىلىلىرى ھەققىدە تۈركىيە دائىرىلىرىدىن مەلۇمات ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ سوتقا چىقىرىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1306250
ھېكو ماس دائېش ئەزاسى گېرمانىيە پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھېكو ماس شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ پايتەختى ئۈسكۈپتىكى زىيارىتىدە مەنسەپدىشى نىكولا دىمىتروۋ بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ھېكو ماس تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇنىڭ گېرمانىيەنىڭ دائېش ئەزالىرىنى قايتۇرۇپ ئالدىغانلىقىغا دائىر باياناتى ئەسكەرتىلىپ، «قانچە نەپەر دائېش ئەزاسى گېرمانىيەگە قايتۇرىلىدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بەردى.

 تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ھەپتە بويىچە تۈركىيە دائىرىلىرىدىن مەلۇمات ئالغانلىقىنى ئېيتقان ھېكو ماس، «بىزگە نىسبەتەن گېرمانىيە پۇقراسىمۇ، ئەمەسمۇ ۋە دائېش بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ، يوقمۇ؟ بۇنى كۆرۈپ چىقىش، ئەگەر مۇناسىۋىتى بولسا، ئۇ زادى قانداق مۇناسىۋەت؟ بەلگىلەنگەن قانۇنلار ئاياق ئاستى قىلىنغانمۇ قىلىنمىغانمۇ؟ دېگەنلەرگە قاراش بەك مۇھىم. ئەگەر جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولسا، ئۇنداقتا سوتقا تاپشۇرۇلۇپ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى لازىم. بۇ بارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئايدىڭلىشىشى ئۈچۈن تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن قويۇق سۆھبىتىمىز بار. بۇ ئارقىلىق دائېش دائىرىسىدە، جىنايەت ئۆتكۈزگەن كىشىلەرمۇ ياكى ئەمەسمۇ بىلىشىمىز كېرەك ۋە مۇناسىپ بىر شەكىلدە جاۋابكارلىق ئارتىلىشى لازىم» دېدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر