شىمالىي كورېيە ھەم ئامېرىكانى، ھەم جەنۇبىي كورېيەنى تەڭ ئەيىبلىدى

شىمالي كورېيە ئامېرىكانى سىياسىي ۋە ھەربىي قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن، جەنۇبىي كورىيەنى بولسا، ئىككى تەرەپلىمە ئويۇن ئويناش بىلەن ئەيىبلىدى.

1304682
شىمالىي كورېيە ھەم ئامېرىكانى، ھەم جەنۇبىي كورېيەنى تەڭ ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى كىم سوڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئاجانتىسى ھەققىدە چاقىرىلغان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا، ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيەنى تەنقىد قىلدى.

كىم سوڭ ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ 2018يىلى ئىيۇن ئېيىدىكى رەھبەرلەر ئۇچرىشىشىدىن بۇيان ئىنتايىن ئاستا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «كورېيە يېرىم ئارىلىدا ئۇلغايتىلغان يىرىچىلىكلەر تېخىچە خالتا كوچىدىن چىقالمىدى» دېدى.

كىم سوڭ ئامېرىكانى سىياسىي ۋە ھەربىي قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن، جەنۇبىي كورىيەنى بولسا، ئىككى تەرەپلىمە ئويۇن ئويناش بىلەن ئەيىبلىدى.

فېۋرالدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا شىمالىي كورېيە رەھبەرلەر ئۇچرىشىشى نەتىجىسىز ئاخىرىلاشقاندىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا، يادرو دىپلوماتىيەسىدىكى تورمۇزلىنىپ قىلىش ئەھۋالى داۋاملاشماقتا.  

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر