باغدادتىكى نامايىشلاردا يەنە 6 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى

ئىراق خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ پايتەخت باغدادنىڭ تىران ۋە ھىللانى مەيدانلىرىدىكى نامايىشچىلارغا قىلغان مۇداخىلىلىرى نەتىجىسىدە 6 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1303605
باغدادتىكى نامايىشلاردا يەنە 6 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك كۈچلىرى نامايىشچىلارنى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلىتىپ تارقاقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى؛ ھەر ئىككى مەيداندىكى نامايىشچىلار، گازنىڭ كۈچلۈك تەسىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئارقا كوچىلارغا قاچتى، پات – پات ئىككى تەرەپ ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى.

سەھىيە ساھەسىدىكىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇداخىلە ئەسناسىدا 3 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان؛ بۇلارنى قوشقاندا، باغدادتىكى تۈنۈگۈنكى نامايىشلاردا جەمئىي 6 ئادەم ئۆلگەن.

نامايىشچىلارنىڭ قەلئەسى ھېسابلىنىدىغان ئازادلىق مەيدانىدا بولسا، نامايىشلار ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا.

ئىراقلىقلار ئىشسىزلىق، چىرىكىلىك ۋە ئاممىۋى خىزمەتلەرنىڭ يېتەرسىزلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە دۆلەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا نامايىشلارنى ئۆتكۈزۈۋاتقان بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ۋە ئىراق مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا،  1 – ئۆكتەبىردىن بۇيان 280 دىن ئارتۇق نامايىشچى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ مۇداخىلىسى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغان، مىڭلارچە كىشى يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر