ئىدلىبتىكى ئاھالىلەر رايونى رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ سۈرىيە ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىدىكى ئاھالىلەر تۇرالغۇ رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدا، بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1302922
ئىدلىبتىكى ئاھالىلەر رايونى رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئايروپىلان كۆزىتىش ئۆيى رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى ئىچىدىكى كەفرەنبىل ناھىيەسى بىلەن رامى، جىبالا، مائارشىمشان يېزىلىرىغا كېچە ۋاقتىدىن باشلاپ ھاۋا ھۇجۇمى قىلىنماقتا ئىكەن. كەفرەنبىل ناھىيەسى ۋە يېزىلاردا بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.

بۇنىڭ بىلەن، رۇسىيە ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئايروپىلانلىرىنىڭ يېقىنقى بىر ھەپتىدە، ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىدىكى تۇرالغۇلارغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا، 25 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان بولدى.

2018-يىلى 17-سېنتەبىر تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالانغان ئىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، كېلىشىم ئىمزالانغان كۈندىن ھازىرغىچە ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردا 300 دىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

كۆپ ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغان جايلاردىن جىمجىتراق جايلارغا ۋە بولۇپمۇ تۈركىيە چېگراسى ئەتراپىغا كۆچكەنلەرنىڭ سانى يېقىنقى بىر يىلدا 1 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر