سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى جەنۋەدە باشلاندى

تۈنۈگۈن (2019-يىلى 4-نويابىر) ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسىدا سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنى 45 كىشىلىك قانۇن تۈزۈش كېڭىشىنىڭ تۇنجى يىغىلىشى بىلەن باشلاندى.

1300288
سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى جەنۋەدە باشلاندى
Hadi el Bahra.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى، 45 كىشىلىك قانۇن تۈزۈش كېڭىشىنىڭ جەنۋەدە يىغىلىشى بىلەن باشلاندى. يىغىنغا باشچىلىق قىلغان ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى گېيىر ئو. پېدېرسېن (Geir O. Pedersen) ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھەيئىتى بايانات ئېلان قىلمىدى.

ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ ئۆكتىچى تەڭ ھوقۇقلۇق باشلىقى ھادى ئەلباھرا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىجابىي سىگناللارنى بەردى.

ئۇ تۈنۈگۈن (4-نويابىر) ئېچىلغان يىغىننىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، يېڭى ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك قوللىنىلىدىغان مېتود ۋە يىغىن كۈنتەرتىپلىرى ھەققىدە ئاساسىي قانۇن تۈزۈش كېڭىشىدىكى بارلىق تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشقا كەلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ 1920-يىلىدىن بۇيانقى سۈرىيەدىكى بارلىق ئاساسىي قانۇنلارنىڭ كۈنتەرتىپكە قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ سۈرىيە خەلقى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم مەسىلە ۋە ھەر بىر پۇقراغا مۇناسىۋەتلىك.»

ئۇ سۈرىيەدىكى تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش چاقىرىقلىرى ئۈستىدە توختىلىپ: «پۈتكۈل سۈرىيەدە ئومۇمىيۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىش ۋە تۇتقۇنلارنىڭ قويۇۋېتىلىشى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتىمىز. بىراق، بۇ ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق ئىشى ئەمەس» دېدى.

ئۇ ھەپتە ئاخىرىغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنلاردا، 45 كىشىلىك قانۇن تۈزۈش كېڭىشىنىڭ كېيىنكى قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر