ئىراقتىكى نامايىشلار دۆلەتكە ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان سالغان

ئىراق باش مىنىستىرى ئادىل ئابدۇلمەھدى ئىراقنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشلارنىڭ دۆلەتنى ئېغىر ئىقتىسادىي زىيانلارغا ئۇچراتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ نورمالغا ئايلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

1299907
ئىراقتىكى نامايىشلار دۆلەتكە ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان سالغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرى ئادىل ئابدۇلمەھدى ئىراقتا داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلار توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ: «نامايىشچىلار نىشانىنىڭ كۆپىنچىسىگە يەتتى. ئۈچ ئورگاننى ئۆزىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشكە مەجبۇرلىدى. نامايىشچىلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇندايدىغان نۇرغۇن قارارلار ئېلىندى. نامايىشلار دۆلەتنى مىليارد دوللارلىق زىيانغا ئۇچراتتى. نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن ئىچكى ۋە تاشقى تەرەققىيات لايىھەسىنى ئىجرا قىلۋاتقانلار يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ نېفىت قۇدۇقلىرىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشى، پورتلارغا تۇتىشىدىغان يوللارنىڭ توسۇۋېتىلىشى ۋە سودا ماللىرىنىڭ كىرىشىنىڭ ئاقساپ قېلىشى قاتارلىقلارنىڭ مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كۈندىلىك تۇرمۇشنى نورمالغا ئايلاندۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى.

ئۇ بەزى گۇرۇھلارنىڭ نامايىشلارنى پۇرسەت بىلىپ، يول توسۇش، ئوت قويۇش، بۇلاڭ-تالاڭ قىلش ۋە خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بىلەن توقۇنۇشتەك قالايمىقانچىلىقلارنى پەيدا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خەۋپسىزلىك تارماقلىرىغا راست ئوق ۋە جان ئالىدىغان قوراللارنى ئىشلەتمەسلىك توغرىسىدا كەسكىن يوليورۇق چۈشۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئىراق خەلقى ئىشسىزلىق، پارىخورلۇق ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەرنىڭ يېتەرسىزلىكىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ھەر قايسى جايلاردا نامايىش قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر