ترامپنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش نىشان قىلىنغان قانۇن لايىھەسى ماقۇللاندى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش نىشان قىلىنغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

1298375
ترامپنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش نىشان قىلىنغان قانۇن لايىھەسى ماقۇللاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قانۇن لايىھەسى پالاتا ئەزالىرىنىڭ 196 گە قارشى 232 ئاۋازى بىلەن قوبۇل قىلىندى.

ئاۋاز بېرىشكە قاتناشقان جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ قانۇن لايىھەسىنى رەت قىلىپ ئاۋاز بېرىشى دىققەت قوزغىدى.

دېموكراتلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نانسى پېلوسى رەھبەرلىكىدە سۇنۇلغان قانۇن لايىھەسى، ترامپنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قانۇن لايىھەسى بۇ مەسىلە بىلەن ئالاقىسى بار رەھبەرلەرنىڭ ئاۋام پالاتاسى ئاخبارات ئىشلىرى كومىتېتىدا خەلققە ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا مەلۇمات بېرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ باسقۇچتىن ئورۇن ئالغان كومىتېتلارمۇ ئوچۇق ۋە يېپىق يىغىنلار ھەققىدە ئاۋام پالاتاسى ئەدلىيە كومىتېتىغا مەلۇمات بېرەلەيدۇ.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، قانۇن لايىھەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتى خاتىرىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى، بۇ ۋەقەنى «ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ تىراگېدىيە» دەپ ئاتىدى، بۇ باسقۇچنىڭ پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ، «پىرېزىدېنت ترامپ قىلچە خاتا ئىش قىلغىنى يوق، بۇ دېموكراتلارغىمۇ بەش قولدەك ئايان. نانسى پېلوسىنىڭ ۋە دېموكراتلارنىڭ قانۇنسىز قىلمىشى پەقەت پىرېزىدېنت ترامپنىلا ئەمەس، پۈتكۈل ئامېرىكا خەلقىنىمۇ قاتتىق رەنجىتمەكتە. پىرېزىدېنت ترامپنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش نىشان قىلىنغان بۇ باسقۇچ ئادالەسىزدۇر، قانۇنسىزدۇر، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قائىدە – يوسۇنلىرىغا خىلاپتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر