پاكىستان ئارمىيەسى: ھىندىستاننىڭ 60 ئەسكىرىنى ئۆلتۈردۇق

پاكىستان ئارمىيەسى باياناتچىسى ئاسىف گافۇر، يېقىنقى 8 ئاي ئىچىدە كەشمىرنى ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدىغان كونترول سىزىقىدا ھىندىستاننىڭ 60 ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1295494
پاكىستان ئارمىيەسى: ھىندىستاننىڭ 60 ئەسكىرىنى ئۆلتۈردۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسى ئارقىلىق ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ «پاكىستاندىكى تېررورچىلارنىڭ نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقى» توغرىسىدىكى دەۋالىرىغا ئىنكاس قايتۇردى.

پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ 27 – فېۋرالدىن بۇيان كونترول سىزىقىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا توختالغان گافۇر، «27 – فېۋرالدىن بۇيان پاكىستان ئارمىيەسى تەرىپىدىن كەشمىردىكى كونترول سىزىقى ئەتراپىدا 60 ھىندىستان ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلدى ۋە پاناھلىنىش ئورۇنلىرى يوقىتىپ تاشلاندى. زەمىبرەك سۇپىلىرى بىتچىت قىلىنىپ، ئورۇن ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇرلاندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، ھىندىستان ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيەلىرىگىمۇ زەربە بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 2 ئايروپىلانى چۈشۈرۈۋېتىلدى، ھىندىستاننىڭ ئىككى تىك ئۇچار ئايروپىلانى بولسا، قورقۇپ كېتىپ بىر – بىرىگە ئوق چىقاردى. ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسىمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرىماقتا» دېدى.

ھىندىستان ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى بىپىن راۋات، «گىلگىت – بالتىستان ۋە كەشمىر تېررورچىلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلماقتا» دېگەن ۋە ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ پاكىستاندىكى تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر