ياپونىيە ئىمپېراتورى نارۇھىتو تەختكە ئولتۈردى

ياپونىيە ئىمپېراتورى نارۇھىتو دادىسىدىن 1 – مايدا تاپشۇرۇپ ئالغان «كاسىمپاتى» (ئىمپېراتورلۇق) تەختىگە بۈگۈن ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن ئولتۈردى.

1292149
ياپونىيە ئىمپېراتورى نارۇھىتو تەختكە ئولتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ياپونىيە ئىمپېراتورى نارۇھىتو پايتەخت توكيودىكى ئىمپېرتورلۇق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەنئەنىۋى مۇراسىم بىلەن ياپونىيەدە «كاسىمپاتى» دەپ ئاتىلىدىغان ئىمپېراتورلۇق تەختى «تاكامىكۇرا» غا ئولتۈردى. خانىشى ماسامكومۇ رەسمىي ھالدا «مىچودائى» تەختىگە ئولتۈردى.

مۇراسىمغا 190 دۆلەت ۋە خەلقئارا ئورگانلاردىن 2000 غا يېقىن كىشى قاتناشقان بولۇپ، 59 ياشلىق ئىمپېروتور نارۇھىتو: «دۆلەت ئاساسىي قانۇنى بويىچە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىمغا، دۆلەتنىڭ ۋە ياپونىيە خەلقىنىڭ بىرلىكنىڭ سېمۋولى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەسئۇلىيەتلىرىمنى بىجانىدىل ئورۇنلايدىغانلىقىمغا ۋەدە قىلىمەن» دېدى.

تەختكە ئولتۈرۈش مۇراسىمىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي ئىشتىراك قىلدى.

نارۇھىتونىڭ دادىسى سالامەتلىك ئەھۋالى سەۋەبىدىن 30ئاپرىلدا، 30 يىللىق ئىمپېراتورلۇق تەختىنى ئوغلىغا بوشۇتۇپ بەرگەن بولۇپ، ئوغلى نارۇھىتو 1مايدا رەسمىي تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدى.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى نارۇھىتونىڭ «تاكامىكۇرا» غا ئۆلتۈرۈشى مۇناسىۋىتى بىلەن دۆلەت مىقياسىدىكى 550 مىڭ جىنايەتچىگە ئومۇمىي يۈزلۈك كەچۈرۈم ئېلان قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. 

جاكارلانغان ئومۇمىي يۈزلۈك كەچۈرۈمنىڭ قاتناش قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلغان ۋە سايلامدا ھېلە ئىشلەتكەن جىنايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر