ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى ئەسكەر سانىنى تۆۋەنلەتتى

ئامېرىكانىڭ مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە ئافغانىستاندىكى ئەسكەر سانىنى 2000 ئەتراپىدا تۆۋەنلەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1292098
ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى ئەسكەر سانىنى تۆۋەنلەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىكى قەتئىي ئىرادە ياردەم نىشانى ھەرىكىتى قوماندانى گېنېرال ئاستىن سىكوت مىللېر ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە ئافغانىستاندىكى ئەسكەر سانىنى 2000 ئەتراپىدا تۆۋەنلەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئاستىن سىكوت مىللېر ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر بىلەن بىرلىكتە ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «خەلقئارا جامائەتچىلىك ئانچە بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە بۇ يەردىكى ئەسكەرلىرىمىزنىڭ سانىنى ئىككى مىڭ ئەتراپىدا تۆۋەنلەتتۇق» دېدى.

ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئارمىيەسى باياناتچىسى پولكاۋنىك سوننىي لېگگېت بۇ ھەقتە كېيىنچە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ ئالدىنقى يىلىدىكى ئاقغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەسكەر سانىنىڭ 15 مىڭ ۋە ھازىر بولسا، 13 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

چېكىندۈرۈلگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كابۇلدىكى مەركىزى بازىدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن پولكاۋنىك لېگگېت، بۇ ئەھۋالنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشنىڭ ئەمەس، بەلكى نۇرمال رەتكە سېلىشنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر