ئافغانىستاندىكى قاتتىق توقۇنۇشتا  20 نەپەر ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى ئۆلتۈرۈلدى

ئافغانىستاننىڭ ئۇرۇزگان ۋىلايىتىگە قاراشلىق گىزاب ناھىيەسىدە تالىبان قوراللىقلىرى بىلەن ئامانلىقنى ساقلاش كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 20 نەپەر ئافغانىستانلىق ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى ئۆلتۈرۈلدى.

1291925
ئافغانىستاندىكى قاتتىق توقۇنۇشتا  20 نەپەر ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئۇرۇزگان ۋىلايىتى ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى خەتتاب خەنجەر مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، تالىبان مىلىتانلىرىنىڭ گىزاب ناھىيە مەركىزىگە ھۇجۇم قىلىشى تۈپەيلى توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇشۇ 48 سائەت ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشلاردا 20 نەپەر ئامانلىقنى ساقلاش خادىمىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، تالىىبان مىلتانلىرىدىنمۇ 18 ى ئۆلۈپ 22 سى يارىدار بولغانلىقىنى ئېيتتى.

تالىبان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، ھۇجۇم نەتىجىسىدە بىر قانچىلىغان ساقچى پونكىتىنىنىڭ كونتىروللۇقىنى قولغا چۈرۈشۈرگەنلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر