كاتالونىيەلىكلەر ئىسپانىيە سوتىنىڭ ھۆكۈمىگە نارازىلىق بىلدۈردى

ئىسپانىيە ساقچىلىرى ئالىي سوتنىڭ بۆلگۈنچى كاتالونىيە سىياسەتچىلىرى ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغانلارنى تارقىتىۋەتمەكچى بولدى.

1288835
كاتالونىيەلىكلەر ئىسپانىيە سوتىنىڭ ھۆكۈمىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كاتالونىيە ئاپتونوم رايونىدىكى تۆت ۋىلايەتكە جايلاشقان ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىنالىرى ئەتراپىدا كېچە بويىچە مىڭلارچە كىشى گۈزەتچىلىك قىلدى.

كاتالونىيە رايونىنىڭ پايتەختى بارسېلونادىكى گۈزەتچىلىك جەريانىدا، بەزى نامايىشچىلارنىڭ خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە پارتلىتىش قۇتىسى قاتارلىق نەرسە-كېرەكلەرنى ئېتىشى ۋە بىنالارنىڭ ئەتراپىدىكى ۋاقىتلىق قويۇلغان رېشاتكىلارنى تېپىشىدىن كېيىن، ساقچىلار نامايىشچىلارنى تارقىتىۋەتمەكچى بولدى.

نامايىشچىلار كاتالونىيە مارشىنى ئېيتتى ۋە «كوچىلار ھەر قاچان بىزنىڭ بولىدۇ»، «ياشىسۇن مۇستەقىللىق» دېگەن شوئارلارنى توۋلىدى. ساقچىلارنى «ئىشغالىيەتچى كۈچلەر» دەپ ئەيىبلىدى.

نامايىشچىلار ئەخلەت ساندۇقلىرى، قەغەز يېشىك ۋە رېشاتكىلارغا ئوت قويۇپ بەردى. ساقچىلار بۇنىڭغا قارشى كالتەكلەر بىلەن نامايىشچىلارنى تارقىتىشقا ئۇرۇندى.

ئىسپانىيە ئالىي سوتى دۈشەنبە (2019-يىلى 14-ئۆكتەبىر) كۈنى كاتالونىيە ئاپتونوم رايونىدا قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلىنغان بولۇشىغا قارىماي 2017-يىلى 1-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىنى تەشكىللەش بىلەن سوتقا تارتىلغان 12 كاتالونىيە سىياسەتچىلىرىدىن توققۇز نەپىرىگە، توققۇز يىلدىن 13 يىلغىچە قاماق جازاسى بەرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر