بېيجىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ خوڭكوڭغا ئالاقىدار قانۇنىغا نارازىلىق بىلدۈردى

بېيجىڭ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇنىنى ماقۇللىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1289116
بېيجىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ خوڭكوڭغا ئالاقىدار قانۇنىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئاتالمىش خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇنىنى زورلاپ ماقۇللىشىدىن كۈچلۈك نارازى بولدۇق ۋە قەتئىي قارشى چىقىمىز» دېدى.

خوڭكوڭدا پەيدا بولغان ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ نېگىزىنىڭ «ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە» ئەمەسلىكىنى قەيت قىلغان گېڭ شۇاڭ، ئەكسىچە، «زوراۋانلىقنى توسۇپ، پاجىئەنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىش، تەرتىپ – ئىنتىزامنى قايتىدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىنى قوغداش مەسىلىسى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

باياناتچى گېڭ شۇاڭ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئەمەلىيەتكە كۆز يۇمغانلىقىنى، ھەقىقەتنى بۇرمىلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا قوش ئۆلچەم ئىكەنلىكىنى ۋە بەزى ئامېرىكىلىقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مەسىلىسىدە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»ىنىڭ ۋە خوڭكوڭنىڭ مۇقىملىق شۇنداقلا باياشاتلىقىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئاۋام پالاتاسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن قانۇننىڭ يۇقىرى پالاتا تەرىپىدىن ماقۇللىنىشىنىڭ پەقەت خىتاينىڭ مەنپەئەتلىرىگىلا ئەمەس، خىتاي – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ھەتتا ئامېرىكىنىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرىگىمۇ ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن باياناتچى، ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنى مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ رەسمىيلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋە خوڭكوڭنى قالايمىقانلاشتۇرماسلىققا چاقىرىپ، «ئامېرىكىنىڭ خاتا قارارلىرى تۈپەيلى خىتاي مۇقەررەر ھالدا قارشى تەدبىرلەرنى يولغا قويىدۇ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مەزكۇر قانۇن، خوڭكوڭدا سودا، ئېكسپورت بىلەن شۇغۇللانغان سودا – سانائەتچىلەرگە ئىمتىياز بېرىشنى ۋە شەھەر ئىگە بولغان ئالىي ئاپتونومىيەنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلۈشىنى كۈچكە ئىگە قىلغان 1992 – يىلىدىكى ئامېرىكىنىڭ خوڭكوڭ سىياسىتى قانۇنىغا بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزۈشنى شەرت قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر