ئامېرىكا خىتايغا يۈرگۈزىدىغان قوشۇمچە تاموژنا بېجىنى توڭلىتىپ قويدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان تېخنولوگىيەلىك مەھسۇلاتلاردىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىنىشىنى كېچىكتۈرۈشنى قارارلاشتۇردى.

1286854
ئامېرىكا خىتايغا يۈرگۈزىدىغان قوشۇمچە تاموژنا بېجىنى توڭلىتىپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 15 – ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشى پىلانلىنىۋاتقان، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان 250 مىليارد دوللارلىق تېخنولوگىيەلىك مەھسۇلاتلاردىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىنىشىنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ترامپ خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ خې باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتتىن كېيىن ئاقسارايدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىككى دۆلەت ھاسىل قىلغان كېلىشىم دائىرىسىدە يىللىق 250 مىليارد دوللارلىق خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن  ئېلىنىدىغان قوشۇمچە تاموژنا بېجىنى  %  25 تىن % 30 كە چىقىرىش نىشان قىلىنغان پىلاننى كېچىكتۈرۈش قارارلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى، كېلىشىم دائىرىسىدە خىتاي تەرەپنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن يىلىغا 40 – 50 مىليارد دوللارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى، پىكرىي مۈلكىيەت ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى، پۇل – مۇئامىلە مۇلازىمىتى،  پېرېۋوت نىسبىتى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۆز پىلانىدىن ۋاز كېچىشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

كېلىشىمنىڭ 15 – ئۆكتەبىر كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشى پىلانلانغان ۋە 160 مىليارد دوللار قىممىتىىكى ئېكىسپورت مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان قوشۇمچە تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى، تەرەپلەرنىڭ بۇ ھەقتە داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر