ترامپ ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ پ ك ك بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ خاتا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى، بۇنىڭ خاتا تاشلانغان قەدەم بولغانلىقىنى ئېيتتى.

1285507
ترامپ ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ پ ك ك بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ خاتا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بارىش پىنارى (تىنچلىق بۇلىقى) ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا بايانات بەردى؛ سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ (سۈرىيەدىن چېكىندۈرىدىغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشى ئۈچۈن) بۆلگۈنچى تېررورچىلار بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، بۇنىڭ «خاتا» بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان ھالدا «تۈركىيە يىللاردىن بۇيان ئەجەللىك دۈشمىنى پ ك ك غا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

تۈركىيەنىڭ يەنە مىليونلارچە سۈرىيەلىككە ئىگە چىقىۋاتقانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ، «تۈركىيە بولمىغان بولسا ئىدى، بۇ كىشىلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ كەتكەن بولاتتى» دېدى.

ترامپ، سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش توغرىسىدىكى قارارىنى ئاقلاپ، «بۇ ئاياغلىشىپ قالغان ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىشنىڭ ۋاقتى كەلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر