ياۋروپا ئىتتىپاقى شىمالىي كورېيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى شىمالىي كورېيەنىڭ بۈگۈنكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىغا قارىتا «كۈشكۈرتۈش خاراكتېرلىق» دەپ باھا بەردى ۋە شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتىنى پۈتۈن يادرولۇق قورال پائالىيەتلىرىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىق قىلدى.

1280515
ياۋروپا ئىتتىپاقى شىمالىي كورېيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موغېرىنىنىڭ ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنىڭ خەلقئارانىڭ بىخەتەرلىك مۇھىتىغا ۋە كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «شىمالىي كورېيەنىڭ بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشى كۈشكۈرتۈش خاراكتېرلىق بىر قەدەمدۇر» دېيىلدى ۋە شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن يادرولۇق قورال پائالىيەتلىرىنى دەرھال توختىتىشى كېرەكلىكى چاقىرىق قىلىندى.

باياناتتا، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشلارنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى كۈتۈلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شىمالىي كورېيە يېرىم ئارىلىدا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ھەر تۈرلۈك خەلقئارالىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شىمالىي كورېيەنىڭ بۈگۈن ئەتىگەندە 2 باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر