ناتو باش كاتىپى تۈركىيەگە كېلىدۇ
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ تۈركىيەگە كېلىدۇ
1280097
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 11 – ئۆكتەبىركۈنى پايتەخت ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولىدىغان ستولتېنبېرگ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشىدۇ.
ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيە رۇسىيەدىن سېتىۋالغان «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى، تۈركىيە – سۈرىيە چېگراسىدا شەكىللەندۈرۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان بىخەتەر رايون، كۆچمەنلەرنىڭ سۈرىيەگە قايتىشى ۋە سۈرىيە كىرىزىسى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.